ب د ت شىمالىي قىبرىس رەھبىرى ئەرسىن تاتارنى تەبرىكلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىكىگە سايلانغان ئەرسىن تاتارنى تەبرىكلىدى.

1519273
ب د ت شىمالىي قىبرىس رەھبىرى ئەرسىن تاتارنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش، «قىبرىس تۈركلىرىنىڭ رەھبىرى» بولۇپ سايلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەرسىن تاتارغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىغان.

گۇتېرېش، تەبرىك تېلېگراممىسىدا، تاتار ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىئادىسنىڭ 3 – نويابىر كۈنى كەچتە غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن، ھەمدە بۇ ئۇچرىشىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلگەن.

باش كاتىپ گۇتېرېش، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىئادىس ۋە باشقا كاپالەتچى دۆلەتلەر بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشتىراك قىلىدىغان 5 تەرەپلىك يىغىننىڭمۇ مۇناسىپ ۋاقىتتا ئىشقا ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە 18 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا % 51.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ 5 – جۇمھۇر رەئىسى بولغان تاتار، 23 – ئۆكتەبىر كۈنى جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر