ياۋروپا: رايون دۆلەتلىرى قاراباغ كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۆھپە قوشۇشى كېرەك

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، تاغلىق قاراباغ كىرىزىسىدا رايون ئاكتىيورلىرى توقۇنۇشنى توختىتىش ۋە تىنچلىق ئورنىتىشقا تۆھپە قوشۇشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

1508035
ياۋروپا: رايون دۆلەتلىرى قاراباغ كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۆھپە قوشۇشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار  مىنىستىرلىرىنىڭ لىيۇكسىمبېرگدا چاقىرىلغان تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بورېل، يىغىندا تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىسكى گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىقلىرىدىن فىرانسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان يىۋېس لې درىئاننىڭ تاغلىق قاراباغنىڭ نۆۋەتتىكى  ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن بورېل، توقۇنۇشلارنىڭ توختىشى، سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە 10 – ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىشقا قانداق تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ، دېگەندەك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

بورېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرىنىڭ رايون ئاكتىيورلىرىنىڭ توقۇنۇشلارنىڭ توختىتىشى ۋە تىنچلىق ئورنىتىشقا تۆھپە قوشۇشى كېرەكلىكى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسىكى گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىقلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تاغلىق قاراباغ توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنىڭ داۋاملىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بوررېل، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ (رۇس ئۆكتىچى ئالېكىس) ناۋالنىينىڭ (زەھەرلىنىشى سەۋەبىدىن موسكۋا ھۆكۈمىتىگە يۈرگۈزىدىغان) جازاسىنىڭ بۇ ئەھۋالغا تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر