ۋېيتنامدىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 20 گە يەتتى

ۋېيتنامدا قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 20 گە يەتتى.

1507467
ۋېيتنامدىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 20 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېيتنامنىڭ چۇاڭ نام، چۇاڭ نگاي ۋە چۇاڭ ترى ئۆلكىلىرىدە شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن سۇ ئاپىتى يۈز بەردى.

ۋيېتنام تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى باشقۇرۇش كومىتېتى ئېلان قىلغان باياناتىدا، كەلكۈن سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 20 گە يەتكەنلىكىنى ۋە 14 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خا تىنخ، چۇاڭ نام، چۇاڭ بىنخ، چۇاڭ ترى ۋە چۇاڭ تىخۇا تېن-خۇ قاتارلىق جايلاردا 50 مىڭ كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 9600 ئەسكەر ۋە بىخەتەرلىك قىسمى خادىملىرىنىڭ كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر