ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ چىقتى

كوۋىد -19 دىئاگنوزى قويۇلۈپ، 2 - ئۆكتەبىر جۈمە كۈنىدىن بېرى ۋالتېر رېد ھەربىي دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان دونالد ترامپ بۈگۈن دوختۇرلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن بالنېستتىن چىقتى.

1503620
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دوختۇرخانىدىن كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، يۈزىگە ماسكا تاقاپ ماڭغان ھالدا چىقتى ۋە ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان مۇخبىرلارغا باش بارمىقىنى كۆتۈرۈپ، «ھەممە ئىش يولىدا، مەسىلە يوق، بەك ياخشى» دېگەن ئىشارەتنى قىلدى.

ترامپ دوختۇرخانىدىن كېيىن خۇسۇسىي ئاپتومۇبىلىغا، ئاندىن يېقىن يەردە كۈتۈپ تۇرغان «Marine One» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، مارىيلاندتىكى دوختۇرخانىدىن ۋاشىنگىتوندىكى ئاقسارايغا يېتىپ كەلدى.  

بۇ ئارىلىقتا، تىرامپ سىنلىق ئۇچۇر يوللاپ، «ۋىرۇسنىڭ سىزنى قولغا چۈشۈرىشىگە يول قويماڭ، ئۇنىڭدىن قورقماڭ» دېدى.

ترامپ ئاقسارايغا كەلگەندىن كېيىن سىنغا ئالغان ۋە تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن سىنلىق ئۇچۇرىدا، «مەن تاجىسىمان ۋىرۇس توغرىسىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم، بىر نەرسە ئېنىقكى، ۋىرۇسنىڭ سىزنى قولغا چۈشۈرىشىگە يول قويماڭ، ئۇنىڭدىن قورقماڭ، ۋىرۇسنى مەغلۇب قىلالايسىز» دېدى.

ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دورىلارغا ​​ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مەن تۇنجى قېتىم دوختۇرخانىغا بارغىنىمدا، ئۆزۈمنى تازا ياخشى ھېس قىلمىغان ئىدىم، ئىككى كۈن ئىلگىرىمۇ دوختۇرخانىدىن  ئايرىلالايتتىم، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى  تۇنجى قېتىم ئۆزۈمنى بۇنچە ياخشى ھېس قىلىۋاتىمەن» دېدى.

ترامپ كۆرۈرمەنلەرنى ھاياتلىرىنى ۋىرۇسقا تۇتقۇزۇپ قويماسلىققا چاقىرىق قىلىپ، «خىزمەت ئۈستىلىمىزگە قايتتۇق، سىلەرنىڭ رەھبىرىڭلار بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ئەڭ ئالدىدا بولىمەن، ئۇ يەردە خەتەرنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن، ئەمما چوقۇم شۇنداق قىلىشىم كېرەك، مەن داۋاملىق ئالدىدا تۈرۈپ رەھبەرلىك قىلىشىم كېرەك» دېدى.

ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ترامپ، «بەلكىم مېنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىم بار بولىشى مۇمكىن، بىلمەيمەن. ئەمما ۋىرۇسنىڭ سىزنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋىلىشىغا يول قويماڭ» دېدى.

ۋاكسىنا ئەملەش ۋە داۋالاش تەتقىقاتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ترامپ، ۋالتېر رېد ھەربىي دوختۇرخانىسىدا ھالىدىن خەۋەر ئالغان ھەممەيلەنگە رەھمەت ئېيتتى.

ترامپ تەخمىنەن 10 مىنۇتلۇق ئۇچۇشتىن كېيىن ئاقسارايغا يېتىپ كەلدى ۋە تىك ئۇچاردىن چۈشكەندىن كېيىن بىۋاسىتە ئىچىگە كىرىشنىڭ ئورنىغا باغچىدىكى پەلەمپەيدىن ئاقساراينىڭ بالكونىغا چىقتى. بالكوندا يۈزىدىكى ماسكىنى چىقىرىپ، يانچۇقىغا سالدى. ئامېرىكا بايرىقىنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇخبىرلارنىڭ سۈرەتكە تارتىشى ئۈچۈن تۇرۇپ بەردى.

تىرامپنىڭ ئاقسارايدا مۇخبىرلار رەسىمگە تارتىدىغان چاغدا ماسكانى چىقىرىۋېتىشى ۋە ئاقسارايغا كىرگەندىمۇ ماسكىنى قايتا تاقىماسلىقى تەنقىدلەرگە سەۋەب بولدى.

ترامپنىڭ داۋالىنىشى ئاقسارايدا داۋاملىشىدىغان بولدى.

ترامپ، پەيشەنبە كۈنى كەچتە كوۋىد -19 بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان ۋە پايتەخت ۋاشىنگتوندىن 30 مىنۇتلۇق يىراقلىقتىكى مارىلاند ئىشتاتىنىڭ ۋالتېر رېد ھەربىي دوختۇرخانىسىدا بالنستقا ئېلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر