ب د ت ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنى توقۇنۇشلارنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، تاغلىق قاراباغداد خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاقىرىقلىرىغا قارىماي توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقان بولۇشىنى ئەيىبلىدى.

1503756
ب د ت ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنى توقۇنۇشلارنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، تاغلىق قاراباغداد خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاقىرىقلىرىغا قارىماي توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقان بولۇشىنى ئەيىبلەپ، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەگە قاراتقان <توقۇنۇشلارنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇش چاقىرىقى> يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك ئارقىلىق بايانات بېرىپ، توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى ۋە پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تەرەپلەرنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى دائىرىسىدە پۇقرالار ۋە پۇقرالار ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن گۇتېررېس، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاقىرىقىغا قارىماي توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقان بولۇشىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيەنى توقۇنۇشنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

كىرىزىسنى ھەربىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان گۇتېررېس، رايون ۋە خەلقئارالىق ئاكتىيورلارنى تەرەپلەر ئۈستىدىكى نوپۇزىنى ئىشقا سېلىپ، توقۇنۇشلارغا دەرھال خاتىمە بېرىشكە ۋە ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسىكى گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىقلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلامچىلىق قىلىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر