ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەدە ھاماسقا ئائىت بىر قىسىم نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلدى.

1478117
ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، غەززەدە ھاماسقا ئائىت بىر تۇنېل بىلەن بىر قىسىم ھەربىي نۇقتىلار بومباردىمان قىلىنغان.

باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە گېلىي گازى ۋە بالون يوللىنىشىغا بېرىلگەن جاۋاب، ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پەلەستىن مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ خان يۇنۇس شەھىرىدە ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززەددىن قەسسام ئەترەتلىرىگە ئائىت كۆزىتىش ۋە ھەربىي نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلغان. ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر