لىۋىيە، ئۆزلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيە ۋە قاتارغا رەھمەت ئېيتتى

لىۋىيە پرېزىدېنتلىق كېڭىشى، تۈركىيە ۋە قاتارغا ئۆزلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

1477599
لىۋىيە، ئۆزلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيە ۋە قاتارغا رەھمەت ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پرېزىدېنتلىق كېڭىشى باشلىقى فايىز ئەس سەرراج، مۇئاۋىن باشلىق ئەھمەد مۇئايتىك، كېڭەش ئەزاسى مۇھەممەد ئەممارى زەيىد ۋە ئەھمەد ھەمزانىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن يىغىن چاقىرىلدى.

لىۋىيە پرېزىدېنتلىق كېڭىشى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، لىۋىيەنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى شۇنداقلا لىۋىيە كرىزىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىك تەرەققىياتلار مۇزاكىرە قىلىنغانقى بىلدۈرۈلدى.

پرېزىدېنتلىق كېڭىشى، تۈركىيە ۋە قاتاردىن باشقا يەنە لىۋىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى قوللىغان، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتتى.

باياناتتا، قېرىنداش دۆلەت مىسىرنىڭ لىۋىيەدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىدا ئىجابىي رول ئوينىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

لىۋىيەدىكى زامانىۋى پۇقرالار دۆلىتىدىن ۋاز كېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلارنى ئارىغا ئالماسلىق ئاساسىدا، سىياسىي ھەل قىلىش مۇساپىسىنى قايتا باشلاشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر