ترامپ: ئەردوغان بىلەن مۇناسىۋىتىم ئىنتايىن ياخشى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1476143
ترامپ: ئەردوغان بىلەن مۇناسىۋىتىم ئىنتايىن ياخشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ، ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئەتە ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلقازىمى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشىنىڭ  تەپسىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «ئىراقتىن ئاساسىي جەھەتتىن ئەسكەرلىرىمىزنى چېكىندۈردۇق. بۇنداق بىمەنە ۋە ئايىغى چىقماس ئۇرۇشلاردىن چېكىنىۋاتىمىز. ئەسلىدە ئەڭ باشتىلا ئۇ يەرگە كىرمەسلىكىمىز كېرەك ئىدى. مېنىڭچە، ئۇ يەرگە كىرىش تارىخىمىزدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق ئىدى. دۆلىتىمىز ئوتتۇرا شەرقتە ھېچ مەۋجۇت بولماسلىقى لازىم ئىدى.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستان ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ترامپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەسكەرلىرىمىزنى چېكىندۈرگىنىمدە، سۈرىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئويلاپ بېقىڭلار. ھەممە <بۇ قورقۇنچلۇق ئىش> دېدى. تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى كەسكىن بىر تەرەپ قىلالايدىغان بىر دۆلەتتۇر. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مۇناسىۋىتىم ئىنتايىن ياخشى.»

ئۇ يەنە، ھەممىنىڭ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرسە پالاكەت يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، ئەمما ئوتتۇرىدا  ھېچقانداق پالاكەت يوقلۇقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر