ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ھاۋا ئىسسىپ كېتىپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 79 غا يەتتى

ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ھاۋا ئىسسىپ كېتىش ۋە ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 79 غا يەتتى.

1475745
ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ھاۋا ئىسسىپ كېتىپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 79 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، توكيو ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئاممىۋى سەھىيە ئىدارىسى ھاۋا ئىسسىپ كېتىش سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى يېڭىلىغان.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاۋغۇستنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن پايتەخت توكيودا 65 ياشتىن  70 ياشقىچە بولغان 79 كىشى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش سەۋەبىدىن قازا قىلغان.

ياپونىيەنىڭ پايتەختىدە ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان ھاۋا تېمپېراتۇراسى 32 دىن 37 سېلسىيە گرادۇسقىچە داۋاملاشماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر