ئامېرىكا گېرمانىيەدىن تەخمىنەن 11 مىڭ 900 ئەسكەرنى چېكىندۈرىدىغان بولدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېسپېر گېرمانىيەدىن تەخمىنەن 11 مىڭ 900 ئەسكەرنى چېكىندۈرۈش ئارقىلىق گېرمانىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى 24 مىڭغا چۈشىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1464153
ئامېرىكا گېرمانىيەدىن تەخمىنەن 11 مىڭ 900 ئەسكەرنى چېكىندۈرىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مارك ئېسپېر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) دا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا ياۋروپا ئارمىيەسى (EUCOM) قوماندانلىق ئىشتابىغا قارىتا تاشلىنىدىغان قادەملەر توغرۇلۇق ئىزاھات بەردى.  

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 6-ئاينىڭ بېشىدا گېرمانىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئېسپېر، گېرمانىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش پېلانى ھەققىدە يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا پالاتاسى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ ۋە بۇ قارارنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرايدىغان دۆلەتلەر بىلەن مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېسپېر بۇ پىلاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى كۈچەيتىش ۋە روسىيەگە قارشى جازالاش خاراكتېرلىق بېسىمنى كۈچەيتىش پرىنسىپىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى تەكېتلىدى ۋە: «گېرمانىيەدىن چېكىنگەن 11 مىڭ  900 نەپەر ئەسكەرنىڭ 5600 نەپىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، تەخمىنەن 6400 نەپەرى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ» دىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر