ئامېرىكا: جەنۇبىي كورېيەدىكى ئەسكەرلىرىمىزنى چېكىندۈرمەيمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر جەنۇبىي كورېيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش يوليورۇقى بەرگەنلىكىگە ئالاقىدار دەۋالارنى رەت قىلدى.

1459885
ئامېرىكا: جەنۇبىي كورېيەدىكى ئەسكەرلىرىمىزنى چېكىندۈرمەيمىز

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ، مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا ئىستىراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنىستىتۇنىڭ ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق چاقىرىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جەنۇبىي كورېيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرىدۇ» تەرىقىسىدىكى دەۋالىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگىنىم يوق.»

خىتاي بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش توغرىلىقمۇ توختالغان ئېسپېر، يىل ئاخىرىغىچە خىتايدا زىيارەتتە بولۇش پىلانىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى پائالىيەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ دڭىزچىلىق ئىمپاراتورلۇقى ئۈچۈن، خەلقئارالىق سۇ تەۋەلىكىنى ئالاھىدە رايونغا ئايلاندۇرۇۋېلىش ھوقۇقى يوقتۇر. بىزنىڭ ھېچقاچان توقۇنۇشۇش نىيىتىمىز يوق. بىز ھەمىشە، خىتاي بىلەن ئىلمىي ۋە ئۈنۈملۈك نەتىجە ھاسىل قىلىشقا ئاساسلىنىدىغان مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇش ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمىز.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي كورېيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۈچۈن سېئۇل ھۆكۈمىتىدىن پۇل تەلەپ قىلماقتا.

«‹Wall Street Journal› گېزىتى»، ئۆتكەن ھەپتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاقسارايغا، جەنۇبىي كورېيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى چېكىندۈرۈشكە دائىر بىر پىلان سۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 28 مىڭ 500 ھەربىي خادىمى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر