دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 15 مىليوندىن ئاشتى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 620 مىڭ 492 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 15 مىليون 135 مىڭ 618 دىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 9 مىليون 152 مىڭ 515 تىن ئاشتى.

1459731
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 15 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 145 مىڭغا يېقىنلاشقان، يۇقۇملانغانلار سانى بولسا 4 مىليون 30 مىڭ 200 دىن ئاشقان ۋە ۋابانىڭ مەركىزىگە ئامېرىكانىڭ بەزى رايونلىرىدا، ھەقىقىي يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ، ئېلان قىلىنغان رەسمىي رەقەملەردىن ئىككى ھەسسىدىن 13 ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىىلش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى(CDC)  تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتىدا، يۇقۇملانغان نۇرغۇن كىشىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەنلىكى ياكى دوختۇرخانىغا بارمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋابانىڭ جەمئىيەتتە تارقىلۋاتقانلىقى؛ بۇ سەۋەبتىن ۋاباغا مۇناسىۋەتلىك رەقەملەر، ئېلان قىلىنغان رەسمىي رەقەملەردىن خېلىلا كۆپ دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دەسلەپتە ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك «زۇكامدىن پەرقى يوق» دېگەن گېپىدىن 180 گىرادۇس يېنىپ: «ناھايىتى ئەپسۇسكى، بۇ ۋابا ئەھۋال ياخشىلانماستىن تېخىمۇ يامانلىشىدۇ» دېدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئۇچرىغان ئىككىنچى دۆلەت بولغان بىرازىلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 1 مىڭ 367 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 81 مىڭ 597 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 41 مىڭ 8 كىشى يۇقۇملىنىپ، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىليون 166 مىڭ 532 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى بولسونارونىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىمۇ، ئۇنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 915 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 40 مىڭ 400 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 6 مىڭ 859 كىشى يۇقۇملىنىپ، جەمئىي سان 356 مىڭ 255 كە چىقتى.

ئەنگلىيەدە ھازىرغىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 45 مىڭ 422 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 295 مىڭ 817 كىشى يۇقۇملاندى.

فىرانسىيەدە 30 مىڭ 177 دەپ ئېلان قىلىنغان ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 30 مىڭ 165 كە ئۆزگەرتىلدى. بۇنىڭغا، ساناتورىيەلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنى خاتا ھېسابلاشنىڭ سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يېقىنقى 24 سائەتتە 584 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 208 مىڭ 912 گە چىقتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 15 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 35 مىڭ 73 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 129 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 12 مىڭ 248 گە تۆۋەنلىدى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 28 مىڭ 424 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 529 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 266 مىڭ 194 كە چىقتى.

كاتالونىيە ئاپتونوم رايونى ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىغا ئوخشىمايدىغان رەقەم ئېلان قىلدى. رايونلۇق ھۆكۈمەت 24 سائەتتە 590 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈردى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئالتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 1 مىڭ 697 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 127 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 48 مىڭ 898 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنى 6 مىڭ 136 دەپ ئېلان قىلغان گوللاندىيەدە، يۇقۇملانغانلار سانى 52 مىڭ 73 كە چىقتى. يېقىنقى بىر ھەپتىدە يۇقۇملانغانلار سانىدا %84 ئېشىش كۆرۈلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 710 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە 20 مىڭغا يېقىن كىشى يۇقۇملانغان ئاۋستىرىيەدە، يېقىنقى كۈنلەردىكى يۇقۇملانغانلار سانىدىكى ئېشىش سەۋەبىدىن ماگېزىن، پوچتىخانا ۋە بانكالاردا مەجبۇرىي ماسكا تاقاش بەلگىلىمىسى قايتىدىن يولغا قويۇلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 9 مىڭ 805 كە، يۇقۇملانغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەتتە 164 كىشى ئېشىپ 64 مىڭ 258 گە چىققان بېلگىيەدە، نورماللىشىش مۇساپىسىدە 5-باسقۇچقا ئۆتۈلمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە قوشۇمچە بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇشنىڭ كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ھازىرغىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 111 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ليۇكسېمبۇرگدا، يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى پاسكىنا سۇلاردا ۋىرۇس ئىزىنىڭ بايقالغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر