تۈنۈگۈن ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە كەم دېگەندە 17 كىشى قورال بىلەن ئېتىپ ئولتۈرۈلدى

برۇكلىندىكى جەمئىي 10 قېتىملىق قوراللىق ھۇجۇمدا 12 ئكىشى قازا قىلدى.

1454866
تۈنۈگۈن ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە كەم دېگەندە 17 كىشى قورال بىلەن ئېتىپ ئولتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: برۇكلىندە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى مەمۇرى بۇ نىسبەتنىڭ جۈمە ياكى شەنبە كۈنلىرى ئۈچۈن «يۇقىرى»ۋە  دۈشەنبە كۈنى ئۈچۈن «خېلىلا يۇقىرى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە مانخاتتاندا ۋە نيۇ-يوركنىڭ باشقا 3 رايونىدا 2 كىشى قوراللىق ھۇجۇمدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

پۈتۈن شەھەر مىقياسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملاردا يارىلانغانلارنىڭ بولسا، سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن ئاقسارايدا بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن ياخشى ئەسلىمىلىرى بولغان پۇقرالارغا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى چاقىرغان ئىدى.

ترامپ ساقچى ئورگانلىرىنىڭ تارقىتىلىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلغان دېموكراتچىلارنىڭ باشقۇرىشىدىكى شەھەرلەردە، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «نيۇ-يورك ئەپسۇسكى ئەمدى كونتروللۇقتىن چىقتى» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر