يۇقۇمنىڭ ھىندىستان، رۇسىيە، مىسىر، ئەرەبىستان ۋە ئىسرائىلىيەدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 541080 دىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 11 مىليون 756 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 6 مىليون 753 مىڭدىن ئاشتى.

1450469
يۇقۇمنىڭ ھىندىستان، رۇسىيە، مىسىر، ئەرەبىستان ۋە ئىسرائىلىيەدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەتتە قازا قىلغان 467 ئادەمنى قوشقاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 20160 قا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇملانغان 22252 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي 719665 كە يەتتى.

رۇسىيەدە يېقىنقى بىر كۈندە قازا قىلغان 198 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 10494 كە، يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان 6368 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 694230 غا يەتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا يېقىنقى 24 سائەتتە قازا قىلغان 52 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 1986 گە، يېڭىدىن 4207 ئادەمدە يۇقۇمنىڭ بايقىلىشى بىلەن جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 213716 گە يەتتى.

يۇقۇمنىڭ ئىككىنچى دولقۇنىنىڭ تەسىرى ئاستىغا كىرگەن ئىسرائىلىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 338 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 31186 گە يەتتى.

مىسىردا يېقىنقى 24 سائەتتە قازا قىلغان 79 ئادەمنى قۇشقاندا جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 3422 گە، جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 76222 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر