قاتار سۈرىيە خەلقىگە يەنە 100 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانى، دۆلىتىنى ئىنسانپەرۋەر ياردەملەرگە موھتاج سۈرىيە خەلقىگە 100 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1446603
قاتار سۈرىيە خەلقىگە يەنە 100 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – قنانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانى «سۈرىيە ۋە رايوننىڭ كېلەچىكىگە ھەمدەم بولۇش» تېمىلىق 4 – نۆۋەتلىك بىريۇسسېل تېلېۋىزىيە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، دۆلىتىنىڭ سۈرىيە خەلقىگە يەنە 100 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

ئال سانى مەزكۇر ۋەدىسىنىڭ «قاتارنىڭ قېرىنداش سۈرىيە خەلقى ئالدىدىكى خەلقئارالىق ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنى ئاساس قىلغان كۈچلۈك ئېتىقادىنى مەنبە قىلىدىغانلىقى»نى ئېيتتى.

ئۇ، «قاتارنىڭ سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ بېشىدىن تارتىپ سۈرىيە خەلقىگە قىلغان ياردىمى 1 مىليارد دوللاردىن ھالقىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى «ئۆلتۈرۈش ماشىنىسى» دەپ ئاتىغان ئال سانى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ تۈزۈمنى تىزگىنلەش ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر