كانادا تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

كانادا، سۈرىيەدىكى ئىنسانلىق كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان مۇساپىرلارغا باغرىنى ئاچقان تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

1446582
كانادا تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا خەلقئارا تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى كارىنا گۇلد يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ سۈرىيەلىكلەر بىلەن سۈرىيەگە قوشنا ئەللەردىكى مىليونلارچە كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «كانادا نۇرغۇن سۈرىيەلىك مۇساپىرغا سېخىيلەرچە ساھىبخانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيە، لىۋان، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە مىسىرغا رەھمەت ئېيتىدۇ. كانادانىڭ، توقۇنۇشقا ئۈزۈل – كېسىل سىياسىي چارە ئارقىلىق خاتىمە بېرىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت ۋە سۈرىيەلىكلەر ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى قەتئىيدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر