يەمەن ئارمىيەسى ئەلھازم شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى

يەمەن ئارمىيەسى، دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى جەۋف ۋىلايىتىنىڭ ئەلھازم شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، بەزى ئىستراتېگىيەلىك رايونلارنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1443787
يەمەن ئارمىيەسى ئەلھازم شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئارمىيەسىنىڭ «September Net» ناملىق تور بېتىدىكى بىر خەۋەرگە قارىغاندا، 6 – ھەربىي رايون قوماندانى بىرىگادا گېنېرالى ئەمىن ئەلۋائىلى، ھەربىي قىسىملارنىڭ، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئەلھازم شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

يېقىندىن بۇيان جەۋف ۋىلايىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بەزى ھەربىي ئورۇنلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قوللىرىغا ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ۋائىلى، يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار نەتىجسىىدە ئونلارچە ھۇسىي مىلىتارىستلىرىنىڭ ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ھۇسىيلار بولسا، ھازىرغىچە بۇ تېمىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.


خەتكۈچ: #يەمەن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر