ئىتالىيە لىۋىيەدىكى كوللېكتىپ ھالدا كۆمۈۋېتىلگەنلەرنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈلىشىنى تەلەپ قىلدى

ئىتالىيە لىۋىيەنىڭ تەرخۇنە شەھىرىدە تېپىلغان كوللېكتىپ مازارلارنى «مۇستەقىل ۋە ئوچۇق – ئاشكارا تەكشۈرۈش» چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

1437650
ئىتالىيە لىۋىيەدىكى كوللېكتىپ ھالدا كۆمۈۋېتىلگەنلەرنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈلىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، «ئىتالىيە ھۆكۈمىتى تەرخۇنە رايونىدا نۇرغۇن ساندىكى كوللېكتىپ قەبرىلەرنىڭ تېپىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئىنتايىن چۆچىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دەپ دېيىلدى:

«ئىتالىيە مۇستەقىل ۋە ئاشكارا تەكشۈرۈشنىڭ باشلىنىشىنى ۋە جاۋابكارلارنىڭ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىتالىيە لىۋىيە توقۇنۇشىغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدۇ»

لىۋىيە ئارمىيىسى 5 – ئىيۇندا تەرخۇنەنى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىپە ھافتەرگە تەۋە قوراللىق ئۇنسۇرلاردىن تازىلاپ شەھەرلىك دوختۇرخانا ئەتراپىدا 106 جەسەتنى بايقىغان ۋە  12 - ئىيۇندا شەھەرگە قاراشلىق يېزىلاردا 3 كوللېكتىپ قەبرىنى ئېنىقلاپ چىققان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر