ئامېرىكانىڭ، تۈركىيەنىڭ «شەرقىي ئاقدېڭىز گاز مۇنبىرىگە ئەزا بولۇشى»نى خالايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىسرائىلىيەدىكى بىر تەتقىقات ئورگىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، تۈركىيەنىڭ «شەرقىي ئاقدېڭىز گاز مۇنبىرى»گە قېتىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1433571
ئامېرىكانىڭ، تۈركىيەنىڭ «شەرقىي ئاقدېڭىز گاز مۇنبىرىگە ئەزا بولۇشى»نى خالايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان بار ئېلان ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى «بېگىن – سادات ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «قۇددۇس – ئاتىنا دىپلوماتىك پۇرسەتلىرى» ناملىق ماقالىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز گاز مۇنبىرىگە قېتىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدىكى پىكىرلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

ماقالىدە، گىرېتسىيە، جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرى، ئىسرائىلىيە، مىسىر، ئىيوردانىيە، ئىتالىيە ۋە پەلەستىننىڭ ئورۇن ئالىدىغان مۇنبەرگە تۈركىيەنىڭ قېتىلماسلىقىنىڭ خەۋپلىرىگە ئىشارەت قىلىنىپ، تۈركىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ نېمە ئۈچۈن زۆرۈرلۈكى ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھالدا ئايدىڭلىتىپ بېرىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، مۇنبەرنىڭ تىزگىنىنى قولىدا تۇتۇۋاتقان ئىسرائىلىيە بىلەن گىرېتسىيەگە، تۈركىيەنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئۈچۈن دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى ئىشلەشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ماقالىدە، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ، بۇنى سىناپ كۆرۈش ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ زىيان تارتىپ كەتمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالىدىغانلىقى پىكرىگە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

مىسىرنىڭ ساھىبخانلىقىدا 2019 – يىلى 16 – يانۋاردا گىرېتسىيە، جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرى، ئىسرائىلىيە، مىسىر، ئىتالىيە ۋە ئىيوردانىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن «شەرقىي ئاقدېڭىز گاز مۇنبىرى» قۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر