پۇتىن بىلەن مېركېل تېلېفونلىشىپ لىۋىيە ۋە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن لىۋىيە مەسلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1432788
پۇتىن بىلەن مېركېل تېلېفونلىشىپ لىۋىيە ۋە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى – كرىمېل بايانات بېرىپ، ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئانگېلا مېركېلنىڭ سۆھبىتىدە، لىۋىيەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئەندىشە ياراتقانلىقىنىڭ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ رىياسەتچىلىكىدە لىۋىيەلىكلەر ئوتتۇرىسىدا دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى باشلاپ، توقۇنۇشلارنى دەرھال توختىتىشتىن باشقا تاللاش يولىنىڭ يوقلۇقىن تەكىتلەنگەن سۆھبەتتە، رۇسىيە تەرەپنىڭ، مىسىرنىڭ، لىۋىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىغا ئىجابىي قارايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىككى لىدېرنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر