فىرانسىيە شەھەرلىرىدە ئىرقچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

فىرانسىيەنىڭ پايتەخت پارىژ ۋە ليون، لىللې، دىژون، جائېن قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئىرقچىلىققا ۋە ساقچىلارنىڭ مۇشتۇمزورلۇقىغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.

1432798
فىرانسىيە شەھەرلىرىدە ئىرقچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارىژدىكى خەلق مەيدانىغا توپلانغان نامايىشچىلار، ئىرقچىلىققا قارشى پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا شوئارلارنى توۋلىدى.

نامايىشچىلارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان جورج فلويدنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۇ نەپەسسىز قالغان ۋاقىتقا ئىشارەت قىلغان ھالدا 8 مىنۇت 46 سىكۇنت بويىچە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى.

نامايىشقا ئاشقۇن سولچىل ئىدىيەدىكى بويۇن ئەگمەس فىرانسىيە ھەرىكىتىنى لىدېرى جېئن لۇك مېلېنچون ۋە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس ئىشتاتىدا 25 مايدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئەسلى ئافرىقالىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويد نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش جەريانىدىكى «تىنالمايۋاتىمەن» دېگەن ئىڭراشلىرىغا قارىماي، ساقچىنىڭ تىزىنى بوينىغا قويۇپ بېسىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

ۋەقە، شۇ كۈندىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە پات – پات زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە سەھنە بولغان نامايىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر