شىمالىي ئىراقتا ۋىرۇس كونترولدىن چىقىپ كەتتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 406 مىڭ 440 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 7 مىليون 107 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 3 مىليون 467 مىڭدىن ئاشتى.

1431553
شىمالىي ئىراقتا ۋىرۇس كونترولدىن چىقىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئىراق كۈرت (كورد) رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيە مىنىستىرى سامان بېرزېنجى رايوندا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ كونترولدىن چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 24 كە، يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 222 گە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يېقىنقى 24 سائەتتە 4 كىشى كۆپىيىپ، جەمئىي سان 88 گە چىققان ئەزەربەيجاندا، يېڭىدىن 19 كىشى يۇقۇملاندى ۋە بۇ سان 7 مىڭ 553 كە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 17 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئۆزبېكستاندا، يېڭىدىن 121 كىشى يۇقۇملاندى ۋە بۇ سان 4 مىڭ 302 گە چىقتى.

تاجىكستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 48 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. يېقىنقى 24 سائەتتە يۇقۇملانغانلار سانىدا 76 كىشى كۆپىيىپ 4 مىڭ 529 غا چىقتى.

كۈۋەيتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 264 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 717 كىشى يۇقۇملاندى. ھۆكۈمەت ۋاباغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى رامكىسىدا ئۈچ ئايدىن بۇيان تاقىلىپ تۇرۇۋاتقان جامەلەرنىڭ 10-ئىيۇن (2020) ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پاكىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 2 مىڭ 67 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، يۇقۇملانغانلار سانى 103 مىڭ 671 گە چىقتى.

پاكىستاندا پارلامېنت باشلىقى ئەسەد قەيسەر، ئىشتاتلار ۋە چېگرا رايونلىرىنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرلىقى بىلەن ناركوز كونترول مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شەھرىيار ئافرىدتىن كېيىن، سابىق باش مىنىستىر شاھىد خاكان ئابباسىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى.

پاكىستان مۇسۇلمان بىرلەشمىسى پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى سابىق باش مىنىستىرنىڭ ئۆيىدە ئۆزىنى كارانتىن ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 38 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. ۋابا سەۋەبىدىن ئوقۇش توختىتىلغان مەكتەپلەردە قەدەممۇ قەدەم دەرس باشلاش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى.

خىتايدا يېقىنقى 24 سائەتتە تۆت كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئىراقتا 346، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 276، ئۇمماندا 75، قاتاردا 54. ئىراندا 8 مىڭ 281، ھىندىستاندا 7 مىڭ 207، رۇسىيەدە 5 مىڭ 859، خىتايدا 4 مىڭ 634، باڭلادىشتا 888، سەئۇدى ئەرەبىستاندا 712 ۋە قاتاردا 54.

ئىيوردانىيەدە يۇقۇملانغانلار 606 گە، بەھرەيندە 14 مىڭ 763 كە چىقتى.

ئافرىقا قىتئەسىدىكى بەزى دۆلەتلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

مىسىردا 1 مىڭ 237، جەنۇبىي ئافرىقادا 998، ئالجىرىيەدە 707، سۇداندا 359، نىگېرىيەدە 354، ماراكەشتە 208 ۋە كامېرۇندا 206.

نامبىيە ۋە لېسوسودا ھازىرغىچە ئۆلۈم ۋە يۇقۇم ئەھۋاللىرى ئېلان قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر