ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن پارتلاش نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ئافغانىستاندا يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 7 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.
1427974
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇندۇز ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئېسمەتۇللاھ مۇرادىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خان ئاباد ناھىيەسىنىڭ جەنگەلباشى يېزىسىدا تالىبان ئەزالىرى تەرىپىدىن يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پۇقرالار ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا پارتلىشى نەتىجىسىدە 7 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6 پۇقرا يارىلانغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە 5 مىليون دوللار قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ.