ئامېرىكا: ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قورال ئېمبارگوسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنىڭ يوللىرى بار

ئامېرىكا، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئاخىرلىشىدىغان ئىرانغا قارىتىلغان خەلقئارا قورال ئېمبارگوسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتمىسا ، يادرو كېلىشىمىدىكى جازا مېخانىزمىنىڭ يولغا قويىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىد سالدى.

1417121
ئامېرىكا: ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قورال ئېمبارگوسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنىڭ يوللىرى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئىران ئالاھىدە ۋەكىلى برايىن خۇك، ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئاخىرلىشىدىغان ئىرانغا قارىتىلغان خەلقئارا قورال ئېمبارگوسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتمىسا ، يادرو كېلىشىمىدىكى جازا مېخانىزمىنىڭ يولغا قويىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىد سالدى.

ئۇ «ۋال سترىت ژۇرنال» گېزىتىگە يازغان ماقالىسىدە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 13 يىلدىن بۇيان ئىرانغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قورال ئېمبارگوسىنىڭ 2015 – يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۆكتەبىر ئېيىدا مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئېمبارگونىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ، ئامېرىكا تەرەپتىن «دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېررورلۇق دۆلىتى» بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ئىرانغا ئۇرۇش ئايروپىلانى ، ئۇرۇش پاراخوتى ، سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە مۇھىم باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ماقالىسىدە، «ئامېرىكا دىپلوماتىيە ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىپ، قورال ئېمبارگوسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن قوللىغۇچى ئىزدەيدۇ. بىز بىر لايىھە تەييارلىدۇق، ئۇنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رۇسىيە ۋە خىتاي <قوللاپ بېلەت تاشلاش> ئارقىلىق ئىرانغا مەزھەپ ئۇرۇشلىرى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالالايدۇ. ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىيەسى بىر رەت ئاۋازى ئارقىلىق توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا، قورال ئېمبارگوسىنى باشقا يوللار بىلەن يېڭىلاش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئۇ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يادرو كېلىشىمىنى ياقلايدىغان 2231- نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان بىر قاتار ب د ت جازالىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى، بىراق، ئۇنىڭ ئېمبارگولارنى قايتىدىن يولغا قويۇشقا رۇخسەت قىلىدىغان قانۇنىي مېخانىزملار (چېكىنىش) نىمۇ پەيدا قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەندىن كېيىن، ئىران كېلىشىمگە 10 يىل ئىچىدە خىلاپلىق قىلغان تەقدىردە، ئېمبارگولارنى قايتىدىن يولغا قويۇشقا بولىدىغانلىقىنىڭ كېلىشىمدە ئەسكەرتىلگەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئېھتىياج يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر