ئامېرىكانىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە بۇلتۇر 132 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1412749
ئامېرىكانىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلغان «2019 – يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالار»  ناملىق دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراق، سۈرىيە، ئافغانىستان ۋە سومالى قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە 22 سى سۈرىيەدە، 108 ى ئافغانىستاندا، 2 سى سومالىدا بولۇپ، جەمئىي 132 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 75 ئى ئافغانىستاندا، 13 ى ئىراق ۋە سۈرىيەدە، 3 ى سومالىدا بولۇپ، جەمئىي 91 پۇقرا يارىلانغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ رەقەملەرنىڭ مۇستەقىل مەنبەلەر تەمىنلىگەن رەقەملەردىن خېلىلا تۆۋەن بولۇشى دىققەت قوزغايدىكەن.

مەركىزى ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدىكى پۇقراۋى ئۆلۈم ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان « Air Wars» ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ئېنىقلاپ چىقىشىچە، 2019 – يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايغان بولۇشىغا قارىماي، بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا كەم دېگەندە 538 پۇقرا قازا قىلغان، ئامېرىكانىڭ سومالىدا ئېلىپ بارغان 63 قېتىملىق ھەربىي ھەرىكىتىدە كەم دېگەندە 36 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈك تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتى، ھەقىقىي پۇقراۋى ئۆلۈم ھادىسىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىكەن. جۈملىدىن، مىنىستىرلىقنىڭ 2017 – ۋە 2018 – يىللاردىكىگە ئوخشاشلا، 2019 – يىللىق دوكلاتىدا بايان قىلىنغان رەقەملەرمۇ ھەقىقىي رەقەملەردىن خېلىلا تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر