ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، «كوروناۋىرۇس دۇنياۋى ئۇچرىشىشى خەلقئارا ئەھدە پائالىيىتى» گە ئاۋاز قوشقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى.

1410954
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋون دېر لېيېن ئىجتىمائىي تاراتقو تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا دىياگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە ۋاكسىنا ئىشلەشكە فوندى توپلاش مەقسىتىدە تۈنۈگۈن چاقىرىلغان تېلېۋىزىيە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان بارلىق رەھبەرلەر ۋە ئورگانلارنىڭ باشلىقلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ئادرېسىدا ھەمبەھىرلەنگەن نۇتقىدىن ئۈزۈندە ئالغان ۋون دېر لېيېن، «قوللىغانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز» دەپ يازدى.

26 – مارتتا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى تېلېۋىزىيە يىغىنىدا، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋاكسىنىنى تېز سۈرئەتتە ياساپ چىقىش ئۈچۈن فوندى تەسىس قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنىدى. بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشچىلىقىدا چاقىرىلغان «كوروناۋىرۇس دۇنياۋى ئۇچرىشىشى خەلقئارا ئەھدە پائالىيىتى»گە نۇرغۇن دۆلەت، خەلقئارالىق تەشكىلات، مالىيە ئورۇنلىرى، ئىجتىمائىي ئورگانلار، خۇسۇسىي ساھەلەر ۋە ۋەخپىلەر ئىشتىراك قىلغانىدى.

ئەردوغان يىغىنغا يوللىغان سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېگراممىسىدا، «ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ۋاكسىنىغا دۇنياۋى مىقياستا ئىگە بولغىلى بولۇشنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ۋە <ھېچكىمنىڭ ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇلماسلىقى> پىرىنسىپىغا ئەستايىل ئەمەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىگە قوشىدىغان ماددىي تۆھپىلىرىمىزنى بېكىتكەندە، يۇقىرىقى نۇقتىلارنىڭ ھەممىسىنى نەزەرگە ئالىمىز. مۇزاكىرىلىرىمىز نەتىجىسىدە بېكىتىلگەن مەبلەغنى 23 – مايغىچە ئېلان قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەنىدى.

يىغىن جەريانىدا توپلانغان جەمئىي 7.5 مىليارد ياۋرو پۈتكۈل دۇنيادا ئېرىشكىلى بولىدىغان ۋە مۇۋاپىق ۋاكسىنا، داۋالاش ۋە دىياگنوز قويۇش خىزمەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇش سۈرئىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرگە سەرپ قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر