ئامېرىكا ئىستىخباراتى كوۋىد-19 نىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن ياسالمىغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى (DNI) تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، «يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى كوۋىد-19 ئىنسان تەرىپىدىن ياسالمىغان ۋە گېن قۇرۇلمىلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن» دېگەن يەكۈنگە كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1408785
ئامېرىكا ئىستىخباراتى كوۋىد-19 نىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن ياسالمىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى (DNI)  تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئىستىخبارات جەمئىيىتى كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ ئىنسان تەرىپىدىن ياسالمىغان ياكى گېن ئۆزگەرتىلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئىلمىي مەلۇماتلارغا قوشۇلىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، يۇقۇمنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋىرۇسلۇق ھايۋانلار  بىلەن ئۇچرىشىشمۇ ياكى خىتاي تەجرىبىخانىسىمۇ؟ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ خىتاينىڭ ۋۇخەندىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك تەجرىبىخانىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

 

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتايغا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ۋىرۇسنىڭ زادى نەدىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق بەلگىلەپ چىقىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پومپېيو «بىز ۋۇخەن ۋىرۇس ئىنستىتۇتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلار بازىرىدىن بىر قانچە كىلومىتىر يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز» دېگەن ئىدى.

خىتاي مەسئۇللىرى بولسا، مەزكۇر ئەيىبلەشلەرنىڭ «ئاساسسىز» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر