رۇسىيە ئارمىيەسىدە ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلىدى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 228 مىڭ 200 دىن، يۇقۇملانغانلار 3 مىليون 221 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار 1 مىليون 5 مىڭدىن ئاشتى.

1408344
رۇسىيە ئارمىيەسىدە ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 1 مىڭ 73 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان رۇسىيەدە، يۇقۇملانغانلار سانى 106 مىڭ 498 گە، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 11 مىڭ 619 غا چىقتى. رۇسىيە ئارمىيەسى ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئەسكەرلەر سانى 170 كۆپىيىپ 1 مىڭ 44 كە چىقتى.

ئىسىرائىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 215 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 15 مىڭ 834 كە چىقتى.

كۈۋەيتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 24 كە، يۇقۇملانغانلار 3 مىڭ 740 قا چىقتى.

ئالجىرىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار 444 كە، مىسىردا 380 گە، ماراكەشتە 168 گە، ئىراقتا 92 گە، ئىيوردانىيەدە سەككىزگە چىقتى.

قاتاردا 10 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، يۇقۇملانغانلار سانى 12 مىڭ 564 كە، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 243 كە چىقتى.

2 مىڭ 869 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بەھرەيندە، 1 مىڭ 370 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ياخشىلاندى.

لىۋاندا يېڭىدىن تۆت كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 721 گە، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 150 كە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 980 گە چىققان تۇنىستا، سەھىيە مىنىستىرى ئابدۇللاتىف ئەل مەككى ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر ئازىيىشقا قاراپ يۈزلەنگەن دۆلەتتە ۋابانىڭ تۇنجى دولقۇنىنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىراق بۇ ئەھۋال، ئىككىنچى دولقۇننى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ» دېدى.

مولداۋىيەدە 111 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، 3 مىڭ 771 كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى.

بېلارۇسىيەدە 84 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 13 مىڭ 181 كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى.

ئەزەربەيجاندا 23 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 1 مىڭ 766 كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى.

ئۆزبېكستاندا سەككىز كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 1 مىڭ 969 كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى.

ئۇكرائىنادا 250 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 9 مىڭ 866 كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى.

غەربىي ئافرىقاغا جايلاشقان گىنە ھۆكۈمىتى كابېنتىدا ئۈچ كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى.

مالدىۋېدا 83 ياشلىق بىر ئايال ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. مەزكۇر ۋەقە بۇ دۆلەتتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسۇغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئۆلۈم بولۇپ قالدى.

ھازىرغىچە جەنۇبىي كورېيەدە 247 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. يېقىنقى 24 سائەتتە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار قوشۇنىغا تۆت كىشىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 10 مىڭ 765 كە چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر