كانادادا ۋىرۇس مەزگىلىدە ئائىلە ئىچى زوراۋانلىق كۆپىيىپ كەتتى

كانادا ئاياللار ۋە جىنسىي باراۋەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى مەريەم مونسېف «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ دۆلەتتە ئائىلە ئىچى زوراۋانلىقنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

1406975
كانادادا ۋىرۇس مەزگىلىدە ئائىلە ئىچى زوراۋانلىق كۆپىيىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مونسېف، كانادانىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان  ۋە ئائىلە ئىچى زوراۋانلىقنىڭ % 20 – 30 ئەتراپىدا ئېشىپ كەتكەنلىكى، تورونتونىڭ شىمالىدىكى يورك رايونلۇق ساقچىلىرىنىڭ، «ئۆيدە قېلىش تەدبىرلىرى» يولغا قويۇلۇۋاتقان 17 – مارتتىن بۇيان ئائىلە ئىچى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ % 22 ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، كۆپلىگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ساقچىلارنىڭ خاتىرىسىگە كىرمىگەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر