دونالد ترامپ ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا يېقىنلاشقان ئىران كاتېرلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاشقا بۇيرۇق بەردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەگەر ئىران ئۇرۇش پاراخوتىلىرى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تاجاۋۇز قىلغان تەقدىردە، ئۇلارنى پاچاقلاپ تاشلاشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1403625
دونالد ترامپ ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا يېقىنلاشقان ئىران كاتېرلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاشقا بۇيرۇق بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان  بايانىدا، «مەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگە دېڭىزدا بىزنىڭ پاراخوتلىرىمىزغا ئاۋارىچىلىق سالغان ھەرقانداق ئىران ھۇجۇمچى كاتېرى ياكى پاراخوتلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاشقا بۇيرۇق بەردىم» دېدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە 5 - پاراخوت ئەترىتى ئالدىنقى ھەپتە ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرىغا تەۋە 11 تېز سۈرئەتلىك كېمىسىنىڭ پارس قولتۇقىدىكى 6 ئامېرىكا پاراخوتىغا خەتەرلىك ھالدا يېقىنلىشىپ، تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

باياناتتا، تېز سۈرئەتلىك كېمىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشقا بىر سائەتتىن كېيىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، رايوندىن ئايرىلغانلىقى ۋە بىرەر توقۇنۇش بولمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەمىر خاتامى ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيىسىگە تەۋە تېز سۈرئەتلىك كېمىلەر بىلەن پارس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىشكە تاس قالغان توقۇنۇش ئۈستىدە توختىلىپ، «باسرا قولتۇقىدا مۇقىمسىزلىقنىڭ ئاساسلىق ئامىلى، دۇنيانىڭ باشقا يېرىدىن ئىران چېگرا تەۋەلىكلىرىگە كەلگەن ۋە ئاساسسىز داۋالارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ تاجاۋۇزچى ۋە قانۇنسىز مەۋجۇتلۇقىدۇر». دېگەن ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر