ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرگە ئوق چىقاردى
ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بىر يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىسىدە پەلەستىنلىك بىر ياش ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە يارىلاندى.
1402615
![ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرگە ئوق چىقاردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/8f6a/565d/4948/5e68c8e3943f1.jpg?time=1719306910)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Yedioth Ahronoth› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بەيتۇللەھىمنىڭ جەنۇبىدىكى تېكوئا يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىسىدە ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا پارتلاتقۇچ ئاتقانلىقى سەۋەبلىك پەلەستىنلىك ئىكىك ياشقا ئوق چىقارغان، بۇ جەرياندا پەلەستىنلىك بىر ياش قېچىپ كەتكەن، ئوق تەگكەن يەنە بىر ياش يارىلانغان.
خەۋەردە، قۇددۇستىكى بىر دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ پەلەستىنلىك ياشنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.