UNICEF قىزىلئۆڭگەچ ۋاكسىنىسى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF)  قىزىلئۆڭگەچ ۋاكسىنىسى پائالىيەتلىرىنى كېچىكتۈرۈشنىڭ 117 مىليوندىن ئارتۇق بالىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

1397810
UNICEF قىزىلئۆڭگەچ ۋاكسىنىسى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: UNICEF تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 24 دۆلەتتە قىزىلئۆڭگەچ ۋاكسىنىسى پائالىيەتلىرى كېچىەكتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ 117 مىليوندىن ئارتۇق بالىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن. شۇڭا مۇھىم ۋاكسىنا خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، ئۇدا 50 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بىخەتەر ۋە تەسىرى كۈچلۈك ۋاكسىسىنى بولۇشىغا قارىماي، قىزىلئۆڭگەچ يۇقۇمى يېقىنقى يىللاردا بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەن. جۈملىدىن 2018 – يىلى ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچىسى بالا ۋە بوۋاقلاردىن تەشكىل تاپقان 140 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قىزىلئۆڭگەچ يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر