ياۋروپا ئىتتىپاقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ياردەم پىلانى تەييارلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە شېرىك دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن 15 مىليارد 600 مىليون ياۋرو ياردەم مەبلىغى ئاجراتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1394250
ياۋروپا ئىتتىپاقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ياردەم پىلانى تەييارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، قارارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل بىلەن بىرلىكتە چىقىرىلغانلىقىنى، ئاساسىي مەقسەتنىڭ شېرىك دۆلەتلەرگە نۆۋەتتىكى سەھىيە كىرىزىسىدە ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، 15 مىليارد 600 مىليون ياۋرولۇق ياردەمنىڭ دۆلەتلەرنىڭ سۇ ۋە سەھىيە سىستېمىلىرى بىلەن تەتقىقات، تەييارلىق ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ساھەلىرىگە سەرپ قىلىنىش ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي تەسىرلىرىنى ئازايتىشنى نىشان قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، 3 مىليارد 250 مىليون ياۋرونىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە، 3 مىليارد 800 مىليون ياۋرونىڭ غەربىي بالقان ئەللىرىدىكى شېرىكلەرگە بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، پىكىرلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دې لېيېن، «ۋىرۇس چەك – چېگرا ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇ يەرشارى خاراكتېرلىك سىناققا قارشى كۈچلۈك خەلقئارا ھەمكارلىققا ئېھتىياجىمىز بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر