ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ غەرب ئەللىرىدىكى ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار

قاراتاغدا تۇنجى قېتىم ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدىۋە شۇنىڭ بىلەن ۋۇخەن ۋىرۇسى ياۋروپادىكى بارلىق دۆلەتلەردە كۆرۈلگەن بولدى.

1380330
ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ غەرب ئەللىرىدىكى ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا قىتئەسى بويىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىتالىيەدە بولسا، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 345 كىشى ئېشىپ ، 2503 كىشىگە يەتتى.

ئىسپانىيەدە  ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 500 ئادەم قازا قىلدى. يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 11 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئىسپانىيەدە بىر كۈن ئىچىدە دوكلات قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى يۇقۇملىنىش بولدى.

جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 175 كە يەتكەن فرانسىيەدە بولسا، پرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكروننىڭ قارارى بىلەن مەجبۇرىي بولمىغان ئەھۋالدا سىرتتا ئەركىن ھەرىكەت قىلىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى.

گېرمانىيەدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن 23 ئادەم قازا قىلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېرمېي ئىسساچاروف ۋە ئەلچىخانىدىكى يەنە بىر ئىسرائىلىيە دىپلوماتىنىڭ  ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ ئەھۋاللاردىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ بېرلىندىكى ئەلچىخانىسى جۈمە كۈنى (2020-يىلى 13-مارت) تاقالدى. ئەلچىخانىدا ئىشلەيدىغان بارلىق دىپلوماتلار ئۆيىدە كارانتىناغا ئېلىندى.

ئاۋىستىرىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 3 ئادەم ئۆلۈپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 1000 غا چىقتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن 6 ئادەم بىر يەرگە كېلەلمەيدىغان بولدى. باش مىنىستىر سېباستىيان كۇرز(Sebastian Kurz) ئاۋامنىڭ ئۆيدىن چىقىشى ئۈچۈن پەقەت ئۈچ سەۋەب بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇ بولسىمۇ مۇھىم خىزمەت، يېمەكلىك ئېلىش ۋە باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەنگلىيەدە بولسا، يەنە 16 ئادەم قازا قىلدى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 950 كە چىقتى ۋە ئومۇمىي ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 71 گە يەتتى.

بېلگىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىريۇسسېل ھاۋا يوللىرى شىركىتى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 2020-يىلى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە بارلىق  ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتتى.

 ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۈچىنچى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە شەنگەن رايونىغا بارىدىغان «مۇھىم ئەمەس» ساياھەتلىرىنى 30 كۈنلۈك چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەلگىلىمىنى تەستىقلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن (Ursula von der Leyen): «ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرى سىرتتا ئەمەس، ياۋروپانىڭ ئىچىدىمۇ قاپسىلىپ قالدى، بۇ چوقۇم ئاخىرلىشىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ كۈرەشكە ھەممە ئادەم تۆھپە قوشالايدۇ، سىزمۇ ئۆيدىن چىقماي ۋە باشقا كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ئازايتىش ئارقىلىق تۆھپە قوشالايسىز» دېدى.

گىرېتسىيەدە 387 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، 5 كىشى ئۆلدى.

بۇلغارىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 81 گە يەتتى. 2 ئادەم ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلدى.

شىمالىي ماكېدونىيەدە 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇددەتتىن بۇرۇنقى چوڭ سايلام ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە كېچىكتۈرۈلدى. شىمالىي ماكېدونىيەدە يۇقۇملانغۇچى سانى 26 گە ئۆرلىدى. ھۆكۈمەت ئىلگىرى ئوچۇق دەپ ئېلان قىلغان چېگرا ئېغىزلىرىنىڭمۇ ترانزىت يۈك توشۇغۇچى، دىپلوماتلار ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رۇخسىتى بولغانلاردىن سىرت، باشقا ھەممە كىشىگە تاقىلىشىنى قارار قىلدى.

بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ئىسلام بىرلىكى مۇپتىلار كېڭىشى (دىنىي ئىشلار كېڭىشى) تۈنۈگۈن ۋۇخەن ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن بارلىق مەسچىتلەردە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى.

ئامېرىكادا 97 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلدى. پرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋۇخەن ۋىرۇسى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇمكىن بولسا ئۆيدە ئىشلەش كېرەكلىكى، بۇنىڭغا قۇربى يەتمەيدىغانلارنىڭ ئۆزىلىرىنى قوغداشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىملىقى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

دونالد ترامپ تۋىتتېردا، ۋۇخەن ۋىرۇسى Kovid-19 نى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «خىتاي <ۋىرۇسنى ئامېرىكا ئېلىپ كەلگەن> دېگەن يالغان خەۋەرلەرنى تارقاتتى. بۇ تولىمۇ خاتا ئىدى. مەن بۇ ۋىرۇسنى نەدىن كەلگەن بولسا، ئۇنىڭغا خاسلاشتۇرۇشۇم كېرەك» دېدى.

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى بولغان بىرازىلىيەدە 62 ياشلىق بىر بىمار ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلدى. بىرازىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 67 گە چىقىپ، بىمارلارنىڭ سانى 301 گە يەتتى.

ئالجىرىيە پرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن بارلىق نامايىش ۋە يۈرۈشلەرنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر