دېموكراتىك قانات ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئامېرىكانىڭ ئوھايو ئىشتاتىدىكى تەييارلىق سايلىمىنى كېچىكتۈردى

ياۋروپانىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) نىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلىتى ئىتالىيەدە قازا قىلغانلار سانى 349 كىشى كۆپىيىپ 2158 گە يەتتى.

1379821
دېموكراتىك قانات ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئامېرىكانىڭ ئوھايو ئىشتاتىدىكى تەييارلىق سايلىمىنى كېچىكتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوۋىد-19 سەۋەبىدىن 309 ئادەم قازا قىلغان ئىسپانىيەدە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 9 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

«بىز كورونا ۋىرۇسىغا قارشى جەڭ قىلىۋاتىمىز» دېگەن فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، دۆلىتىنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ 15 كۈن بويىچە ئۆيدىن چىقماسلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەركىن ھەرىكەت قىلىش چەكلەنگەن فىرانسىيەدە ۋىرۇس تۈپەيلى قازا قىلغانلار سانى 127 گە يەتتى.

قازا قىلغانلار سانى 13 كە يەتكەن گېرمانىيەدە ، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 6 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. گېرمانىيە مەكتەپلەردىن كېيىن قاۋاقخانا ، كېچىلىك كۇلۇب ، دېسكوخانا ، تىياتىرخانا ، ئوپېرا ، كونسېرت زالى ، مۇزېي ، تەنتەربىيە مەركىزى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئورۇنلارنى تاقاشنى قارار قىلدى.

55 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئەنگىلىيەدە ، دۆلەتلىك سەھىيە سىستېمىسى (NHS)، قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەنلەر بىلەن قۇرۇق يۆتەل كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرىغا مۇراجىئەت قىلماستىن، ئۆيىدە ئولتۇرۇشلىرىنى تەۋسىيە قىلدى.

ئەنگلىيەدە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىمۇ بەس – مۇنازىرە قىلىنماقتا؛ «پادا ئىممۇنىتېت كۈچى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئىستراتېگىيەدە، جەمئىيەتنىڭ %60 ى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشى ۋە بۇ گۇرۇپپىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كۈتۈلىدىكەن.

ئەنگىلىيە بىلەن ئوخشاش يولنى تۇتقان گوللاندىيەدە، باش مىنىستىر مارك رۇتتې، ««ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە گوللاندىيە خەلقىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يۇقۇملىنىدىغانلىقى بىر ھەقىقەت» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يۇقۇمغا قارشى «كونتروللۇق گۇرۇپپا ئىممۇنىتېت كۈچى» گە ئېرىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «ئىممۇنىتېتلىغۇچىلار سانى قانچە كۆپ بولسا ، ۋىرۇسنىڭ ياشانغانلار ۋە بىمارلارغا يۇقۇشى شۇنچە ئاز بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گوللاندىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 24 كە يەتتى.

ئاۋسترىيەدە قازا قىلغانلار سانى 3 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 16 مىڭغا يەتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ سىن يىغىنىدىن كېيىن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، ئۈچىنچى دۆلەتتىن ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرگە قىلىنىدىغان زۆرۈر بولمىغان ساياھەتلەرنى 30 كۈنلۈك ۋاقىتلىق  توختىتىپ قويۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى؛ 18 ئادەم قازا قىلغان شىۋېيتسارىيەدە كوۋىد -19 دىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2353 كە يەتتى.

شىۋېتسىيە ئاممىۋى ساغلاملىق مۇلازىمەت ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىۋېتسىيەدىكى كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3 تىن 6 گە كۆپەيگەن، ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلار سانى 40 مىڭغا يەتكەن.

چېخىيە جۇمھۇرىيىتىدە 298 ، پولشادا 156 ، سلوۋاكىيەدە 72 ، ۋېنگىرىيەدە 39 ئادەمدە ۋىرۇس بايقالغان.

85 ئادەم قازا قىلغان ئامېرىكىدا نيۇ-يورك ، نيۇ جېرسىي ، كوننېكتىكات ، كېنتاكى ۋە مىچىگان ئىشتاتلىرىدا قاۋاقخانا ۋە ئاشخانىلار ۋاقىتلىق تاقالدى. ئامېرىكادا يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4661 غا يەتتى.

دېموكراتىك قاناتنىڭ 2020 – يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىكى نامزاتىنى بېكىتىش مەقسىتىدە ئوھايو ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تەييارلىق سايلىمى، ۋىرۇس پەيدا قىلغان خەۋپسىرەش يۈزىسىدىن كېچىكتۈرۈلدى. ئوھايو ئىشتاتىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر