ئىران مۇئاۋىن پىرېزىدېنتىنىڭ ۋىرۇس يۇقتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
كوۋىد-19 ۋىرۇسى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان خىتايدا ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 3172 گە يەتتى.
1376668
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا بولسا، ئىران پىرېزىدېنتىنىڭ بىرىنچى ياردەمچىسى ئىسھاق جىھانگىرىنىڭمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) يۇقتۇرۇۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار ئىرانلىقلار سانىنىڭ 354 كە، يۇقۇمغانغۇچىلار سانىنىڭ 9 مىڭغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئەزەربەيجاندە يېڭىدىن 2 كىشىدە ۋىرۇسنىڭ بايقىلىشى بىلەن جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 12 گە كۆپەيدى.
قاتاردا يېڭىدىن 238 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقىلىپ، جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 262 گە يەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.