ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غەرپ دۆلەتلىرىدە كەڭ تارقىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ختاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كەڭ تارقىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1374039
ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غەرپ دۆلەتلىرىدە كەڭ تارقىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى يەنە 36 كىشى ئېشىپ، 233 كىشىگە يەتتى.

ئىتالىيەدە لومباردىيا رايونىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، 14 شەھەر (يەنى، مودېنا، پارما، پىياجېنزا، رېگگىيو ئېمىلىيا، رىمىنى، پېسارو ئې ئۇربىنو، ئالېساندرىيە، ئاستى، نوۋارا، ۋېربانو كۇسيو ئوسولا، ۋېركېللى، پادوۋا، ترېۋىسو ۋە ۋېنىدىك) قاتارلىق شەھەرلەر كارانتىناغا ئېلىندى.

فىرانسىيەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 11 گە يەتتى. مالتادا بىرىنچى يۇقۇملىنىش ۋەقەسى كۆرۈلدى. ئىسپانىيەدە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 93 كىشى ئېشىپ، 441 كىشىگە، قازا قىلغانلارنىڭ سانى بولسا، 10 غا ئۆرلىدى.

شېۋېيېتسارىيەدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 264 كە چىقتى. 26 كانتوننىڭ 20 سىدە ۋىرۇس بايقالدى. يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئەرلەردە % 55، ئاياللاردا% 45 بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گوللاندىيەدە 188، بېلگىيەدە 149، ئاۋسترىيەدە 81، چېخدا 19، رۇمىنىيەدە 11، ۋېنگىرىيە 5 ۋە پولشادا 5 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

سىلوۋاكىيە باش مىنىستىرى پېتېر پېللېگرىنى دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ سلوۋاكىيە بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى يۆنىلىشلىك ئۇچۇشلارنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىگىلىنىشچە، ئىتالىيەنىڭ ناپولى شەھىرىگە جايلاشقان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ياردەمچى قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ئەسكەردىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بايقالغان.

بالقان رايونىدىكى يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ تۇنجى بېكىتى كىرودىيەدە بولغان بولۇپ، كىرودىيەدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 12 گە چىقتى.

يەنە بىر بالقان دۆلىتى، شىمالىي ماكېدونىيەدە بولسا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 3 كە يەتتى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا 2 كىشىدە ۋىرۇس بايقالغان بولۇپ، بۇ ساندا ھېچقانداق ئېشىش كۆرۈلمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 221 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 76 گە يەتكەندىن كېيىن، نيۇ-يوركتا جىددى ھالەت ئېلان قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر