ختايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3099 غا يەتتى

ختايدا يېڭىدىن 44 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3099 غا يەتتى.

1374107
ختايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3099 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ختايدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 27 كىشى ئۆلدى، ۋە 44 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19)  بىلەن يۇقۇملاندى.

يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 3099 غا يەتكەن بولۇپ، بۇلاردىن ئىككىسىنىڭ خوڭكوڭدا ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دۆلەت مىقياسىدا، ۋىرۇس بايقىغانلارنىڭ سانى 80 مىڭ 695 كە يەتتى.

يۇقۇملىنىش گۇماندارلىرىنىڭ سانى 458 گە، كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ سانى 23 مىڭ 74 كە، ساقىيىپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 50 مىڭ 65 كە يەتتى.

خىتاينىڭ سىرتىدىكى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 109 غا ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 10 غا چىققانلىقى دوكلات قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر