خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى  بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 3072 گە يەتتى.

1373746
خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى  بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سەھىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتتە يېقىنقى 24 سائەت  ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 28 گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 99 غا يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئىككى كىشىنى قوشقاندا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنكەرنىڭ سانى 3 مىڭ 72 گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 5 مىڭ 489 ى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 80 مىڭ 651 گە، يۇقۇملىنىش  بىلەن گۇمان قىلىنىۋاتقانلارنىڭ سانى 502 گە يەتكەن، نازارەت ئاستىدا تۇتۇلۇۋاتقانلارنىڭ سانى 22 مىڭ 177 گە تۆۋەنلىگەن، 55 مىڭ 402  كىشى ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلگەندىن كېيىن بالنىستىن چىققان.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدە 12 – دېكابىر كۈنى  ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقا شەھەرلەر ۋە دۆلەتلەرگە تارقاپ كەتكەندىن كېيىن، تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتايدىكى پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كەتكەن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر