ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلدى

ئىراننىڭ سۈرىيە پايتەختى دەمەشىقتە تۇرغان سابىق باش ئەلچىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى ۋە پارلامېنت رەئىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ھۈسەيىن شەيخۇلئىسلام ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.

1373193
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېھراندىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى، ئىسلامى بىرلەشمە پارتىيەسى مەركىزى كېڭەش ئەزاسى فاتما رەھبەر بولسا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جىددىي قۇتقۇزۇلماقتا.

ئىراندا تېھراندىن سايلانغان يەنە بىر پارلامېنت ئەزاسى زۆھرە ئىلاھىياننىڭمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ بايقىلىشى نەتىجىسىدە، يۇقۇملانغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى 24 كە چىقتى. ئىراندىكى ساياھەت مەركەزلىرىدىن بولغان مازەندەرەن ۋە گىلان ئىشتاتلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى رامكىسىدا تاقالدى.

ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يەتتە پەلەستىنلىكتە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن (2020-يىلى 5-مارت) مېھمانسارايدا خىزمەت قىلىدىغان بىر كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقىلىشى بىلەن، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى، بەيتۇللاھىم بىلەن ئەرىھا شەھەرلىرىدە بارلىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى، جامە ۋە چېركاۋلارنىڭ 14 كۈنلۈك تاقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي قۇددۇستا مەسجىدى ئەقسادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ھەر قېتىملىق نامازدىن كېيىن دىزىنفېكسىيە قىلىنىشقا باشلاندى.

قۇددۇس ئىسلامىي ۋەخپەلەر ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن مەسجىدى ئەقسا ۋە ئەتراپىدىكى جامەلەرنىڭ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بەلگىلىگەن ماددىلار بويىچە دىزىنفېكسىيە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

غەززەدە رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن كىرگەنلەر ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بويىچە ئۆيىدە 14 كۈن كارانتىن قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن كەئبەدىكى تاۋاپ قىلىدىغان جايلارنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى، مەسجىدى ھەرەمدە پەقەتلا ناماز ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان 27-فېۋرال (2020) ئۆمرە قىلىش ۋە مەسجىدى نەبەۋى زىيارەتلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 4-مارت بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرى ۋە بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆمرە قىلىشىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر