غەرب دۆلەتلىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەسىرى ئېغىرلاشماقتا

خىتايدا ئوتتۇرىغا چىقىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تارقالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (KOVİD-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئامېرىكادا 12 گە، فىرانسىيەدە ئالتىگە، ئىسپانىيەدە ئۈچكە چىقتى.

1373155
غەرب دۆلەتلىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەسىرى ئېغىرلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋۇخەن ۋىرۇسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئالتىگە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 377 گە چىققان.

ئاۋستىرىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە سانى 40 قا، گېرمانىيەدە 349 غا چىقتى. ئىسپانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭىدىن 68 ۋەقەنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، بۇ سان 261 گە چىقتى. تۈنۈگۈن (2020-يىلى 5-مارت) 99 ياشلىق بىر ئايالنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئۈچكە چىقتى.

ئەنگلىيەدە بىر كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ دۆلەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەب بولغان بىرىنچى ئۆلۈم تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە سانى 115 كە چىقتى. يېڭىدىن كۆرۈلگەن 30 ۋەقەنىڭ 25 ى پايتەخت لوندوندا ئوتتۇرىغا چىقتى.

شىۋېيتسارىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلدى. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 111 گە چىقتى.

پورتۇگالىيەدىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان توققۇز كىشىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى. پورتۇگالىيەنىڭ TAP ھاۋا يوللىرى شىركىتى ۋىرۇس سەۋەبىدىن مارت ۋە ئاپرېل ئېيىدىكى مىڭ قېتىملىق ئايروپىلان سەپىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گوللاندىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 38 دىن 82 گە چىقتى.

بېلگىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغان كىشىلەرنىڭ سانى بىر كۈندە 50 دىن ئېشىپ 109 غا چىقتى.

ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) نىڭ بېلگىيەنىڭ مونس (Mons) شەھىرىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنىڭ ئالىي باش ئورگىنىدىمۇ، خىزمەت قىلىدىغان بىر كىشىدە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىككى ئەزاسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 148 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 3296 كىشى يۇقۇملاندى. ئىتالىيە ياۋروپادا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن دۆلەت بولۇپ قالدى. ئاۋستىرالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 61 كىشى يۇقۇملاندى. يېڭى زېلاندىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى تۆتكە چىقتى.

كېلەر ھەپتە فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر