ستولتېنبېرگ رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن رۇسىيەنى سۈرىيەدىكى ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

1372734
ستولتېنبېرگ رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ كىرودىيەنىڭ پايتەختى زاگرېبتا كىرودىيە باش مىنىستىرى ئاندرېج پلېنكوۋىچ بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيە كىرىزىسىگە سىياسىي چارە تېپىلىشى لازىم. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن رۇسىيە سۈرىيەدىكى ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىشى، خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش پىلانىنى قوللىشى كېرەك. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، گىرېتسىيە يېقىنقى كۈنلەردە ناھايىتى ئېغىر بىر مەسئۇلىيەت ئاستىغا كىردى.»

پلېنكوۋىچ،  ئۇچرىشىشتا، يەر شارى خاراكتېرلىك كۆچمەنلەر كىرىزىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى، تەرتىپسىز كۆچمەنلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتا پوزىتسىيەلىرىنىڭ ناھايىتى ئوچۇق ۋە كەسكىن ئىكەنلىكىنى، كىرودىيەنىڭ 2015 – 2016 – يىللىرى باشتىن كەچۈرگەن كۆچمەنلەر كىرىزىسى تۈپەيلى تەجرىبە – ساۋاقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ زىچ ھەمكارلىقى ئاستىدا، يېڭى پاناھلىق تىلىگۈچىلەر دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە تاقابىل تۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر