ترامپ مىچوتاكىس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ گرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىكوتاكىس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1371211
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا ، تىرامپ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، گرېتسىيەنىڭ چېگراسىدىكى بىخەتەرلىكنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا: «تىرامپ گرېتسىيەنى كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپاغا يۆتكىلىشى مەسىلىسىدە يەرلىك شېرىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى» دېيىلدى.