ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە كورېيەدىكى تارقىلىشى ئەندىشە ياراتماقتا

ئىراندا (ۋۇخەن ۋىرۇسى) «Kovid -19» سەۋەبىدىن يەنە 11 كىشى ئۆلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 54 كە ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 978 گە يەتتى.

1369613
ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە كورېيەدىكى تارقىلىشى ئەندىشە ياراتماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران سەھىيە مىنىستىرى سەئىد نەمەككى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن مەملىكەتلىك سەپەرۋەرلىكنى باشلايدىغانلىقىنى ۋە 2 كۈن ئىچىدە 300 مىڭ ئەترەت تەشكىللەپ ئائىلىلەردە سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى باشلايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىراقتا ئىلگىرى 13 كىشىدە ۋىرۇس بايقالغان بولۇپ، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۈگۈنكى يازما باياناتىدا، ئىراندىن قايتىپ كەلگەن يەنە 6 كىشىدە ۋىرۇس بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كورېيەدىمۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن 20 ئادەم قازا قىلدى ۋە ئومۇمىي يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 3736 گە يەتتى.

يېڭى تىپتىكى (ۋۇخەن ۋىرۇسى) «Kovid -19» بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى بەھرەيندە 47 گە، لىۋاندا 10 غا ۋە قاتاردا 3 كە يەتتى.

12 - دېكابىر خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەندە بايقالغان (ۋۇخەن ۋىرۇسى) «Kovid -19» قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقا شەھەر، رايون ۋە دۆلەتلەرگە تارقالغاندىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «جىددى ھالەت» ئېلان قىلغان ئىدى.

جۈمە كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (ۋۇخەن ۋىرۇسى) «Kovid -19» نىڭ يەرشارىدىكى خەتەر دەرىجىسىنى «يۇقىرى» دىن «ئىنتايىن يۇقىرى» غا كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر