ئىتالىيەدىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن لومباردىيا ۋە ۋېنېتو رايونىغا كىرىش - چىقىش چەكلەندى

ئىتالىيەدە يېڭى تىپلىق (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2 گە ئۆرلىدى.

1364528
ئىتالىيەدىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن لومباردىيا ۋە ۋېنېتو رايونىغا كىرىش - چىقىش چەكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لومباردىيا رايونى كاسالپۇستېرلوڭگودا بىر ئايال كورورنا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. بۇ ئۆلۈم بىلەن بىرگە ئىتالىيەدە يېڭى تىپلىق (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2 گە چىقتى.

خەلقنى مۇداپىئە قىلىش ئىدارىسى دىرېكتورى ئاڭگېلو بوررېللى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 79 كىشىدە كوۋىد-19 ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى، بۇلاردىن 2 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 1 كىشىنىڭ رىمدا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى ۋە 76 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى بىلدۈردى.  

ئاڭگېلو بوررېللى بۇ 76 كىشىدىن 18 ىنىڭ جىددىي بۆلۈمدە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، لومباردىيا رايونىنىڭ 56 كېسەل بىلەن ئەڭ كۆپ يۇقۇملانغان رايون بولغانلىقىنى، ۋېنېتو رايونىدا 17، ئەمىلىيا روماگنادا 2 ۋە لازىيو رايونلىرىدا 2 كىشىدە شۇنداقلا پىيېمونتېدە 1 كىشىدە ۋىرۇس بايقالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. 

ئىتالىيە باش مىنىستىرى گۇسېپپې كونتنىڭ مىنىستىرلار كابېنتىنى جىددىي يىغىنغا چاقىرىپ، ئەڭ كۆپ يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەن لومباردىيا ۋە ۋېنېتو رايونلىرىغا كىرىش چىقىشنى چەكلەش قارارى ماقۇللىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى گۇسېپپې كونت خىزمەت، مائارىپ ۋە ئاممىۋىي پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ رايونلاردا بەلگىلىمىگە رىئايە قىلمىغانلارنى جازالاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر گۇسېپپې كونت ھازىرچە ياۋروپادا ئەركىن ساياھەتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ياۋروپا بىر تۇتاش ۋىزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىك ھالەت شەكىللەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا مىلانو شەھەرلىك ھۆكۈمىتى باشلىقى گۇسېپپې سالا ئىتالىيەنىڭ بىرىنچى پۇتبول گوماندىسى سېرىې ئا نىڭ 25ھەپتىلىك مۇسابىقىغا چۈشىشى كېرەكلىك بولغان «Inter-Sampdoria» مۇسابىقىلىرىنىڭمۇ ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر