ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 2005 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

بېيجىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى) دا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ بىرى خوڭكوڭدا بولۇپ جەمئىي 2005 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1362147
ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 2005 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەملىكەتلىك سەھىيە ئىشلىرى كومېتىتىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، دۆلەت مىقياسىدا رەسمىي دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچىلار سانى 11977 سىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 74185 كە يەتكەن.

خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى، ۋۇخەن دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جىمىڭنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان لى ۋېنلىياڭ، پەيشەنبە كۈنى بىر دوختۇرخانىنىڭ سابىق مۇدىرى شۇ دېپۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنىڭ ھازىرچە كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، بىراق سەھىيە سىستېمىسى تەرەققىي قىلمىغان ئافرىقا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرگە تارقىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خەۋپ ناھايىتى ئېغىر ۋە دۇنيا بۇنىڭغا تەييار بولۇشىمىز لازىم. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، بۇنداق بىر ئەھۋال يۈز بەرگەندە قانداق مۇداخىلە قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا باش قاتۇرۇۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر