خىتايدا كوۋىد-19 (ۋۇخەن ۋىرۇسى) سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1666 غا يەتتى

خىتايدا كوۋىد-19 (ۋۇخەن ۋىرۇسى) يۇقۇملۇق ئاپىتى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1666 غا ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 68 مىڭ 500 غا يەتتى.

1360166
خىتايدا كوۋىد-19 (ۋۇخەن ۋىرۇسى) سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1666 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاي مىقياسىدا يۇقۇملۇق گۇماندارلىرى سانىنىڭ 8228 كىشىگە، يۇقۇملانغان كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقانلىقى سەۋەبىدىن نازارەتكە ئېلىنغانلار سانىنىڭ 158 مىڭ 764 كىشىگە يەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

يېڭى تىپلىق ۋۇخەن ۋىرۇسى كوۋىد-19 سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ، خوڭكوڭدىكى بىر كىشىنى قوشقاندا جەمئىي 1666 كىشىگە ئۆرلىگەنلىكى، ئېنىقلانغان يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 68 مىڭ 500 كىشىگە يەتكەنلىكى ۋە بۇلاردىن 11 مىڭ 272 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى شۇنداقلا بۈگۈنگە قەدەر ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار سانىنىڭ 9419 كىشىگە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

خىتاي چوڭ قۇرۇغلۇقى سىرتىدىكى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 84 كە، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 10 كىشىگە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يېڭى تىپلىق ۋۇخەن ۋىرۇسى كوۋىد-19 ئاپىتى سەۋەبىدىن مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە خىتايدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 142 كىشىگە ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 2009 كىشىگە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر