ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ مايك پومپىيو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئافغانىستان ئىجرائىيە ئىشلىرى ئورگىنى باشلىقى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1358077
ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ مايك پومپىيو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىجرائىيە ئىشلىرى ئورگىنى بايانات بېرىپ، ئابدۇللاھ بىلەن پومپىيونىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تالىبان بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئابدۇللاھ بىلەن پومپىيونىڭ يەنە، ئامېرىكا – تالىبان ئارىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئافغانىستان دىيالوگىنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى، تالىباننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە ئىشتىراك قىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن پۇرسەتلەرنىڭ يارىتىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

پومپىيو بولسا، تالىبان بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر