ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 1114 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 1114 كە، رەسمىي دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 44653 كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1357732
ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 1114 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەملىكەتلىك سەھىيە ئىشلىرى كومىتېتى، ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتقان گۇمانىي بىمار سانىنىڭ 16000، ۋىرۇس يۇقتۇرۇۋالغانلار بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقى سەۋەبىدىن كۆزىتىلىۋاتقانلار سانىنىڭ 185037 ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ، بىرى خوڭكوڭدا بولۇپ جەمئىي 1114 كە يەتكەنلىكى،  ۋىرۇس يۇقتۇرۇۋالغانلىقى جەزملەشكەن بىمار سانىنىڭ 8204 نىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 44653 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ سىرتىدا يۇقۇملانغانلار سانى خوڭكوڭدا 49 غا يەتكەنلىكى، ھازىرغىچە ئومۇمىي بالىنىستتىن چىققان بىمار سانىنىڭ 4740 قا يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

خىتاي مىقياسىدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 97 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 1638 ى ۋىرۇسنىڭ مەركىزىي خۇبېي ئۆلكىسىدە بولۇپ جەمئىي 2015 ئادەمدە ۋىرۇس بايقالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدە 2019 – يىلى 12 – دېكابىردا بايقالغان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىتاينىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى ۋە دۇنياغا تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر