ترامپ ھىندىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رەپىقىسى مېلانىئا ترامپ، 24-، 25- فېۋرال كۈنلىرى ھىندىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1357074
ترامپ ھىندىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، ترامپ ۋە رەپىقىسىنىڭ، ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلى، ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ۋە ماھاتما گاندىنىڭ ھاياتىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن، شۇنداقلا باش مىنىستىر نارېندرا مودېنىڭ يۇرتى بولغان گۇجارات ئۆلكىسىنىڭ ئەھمەدئاباد شەھىرىنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

نارېندرا مودى بىلەن دونالد ترامپنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، «ئىككى لىدېر، بۇ زىيارەتنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – ھىندىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكا خەلقى بىلەن ھىندىستان خەلقى ئارىسىدىكى كۈچلۈك، مۇستەھكەم رىشتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەمپىكىردۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر